ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن سودا ھەمكارلىقىنى تۇنجى قېتىم مۇزاكىرە قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، تەيۋەن بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى تەيۋەن بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئالاقە يولىنى رەسمىي ئاچقان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى دەي چى (كەسىرىن تاي) 10-ئىيۇن تەيۋەن سودا ۋەكىلى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزگەن.
تور يىغىنىدا دەي چى تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئەمەلدارى دېڭ جېنجۇڭغا ئامېرىكا-تەيۋەننىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار رامكىسى ئاستىدا، نۇرغۇن مۇھىم ساھەلەردە تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككى ئەمەلدار 2016-يىلىدىن تارتىپ توختاپ قالغان ئامېرىكا-تەيۋەن سودا سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
تەيۋەن تەرەپ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-تەيۋەن سودا سۆھبىتىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. تەيۋەن ئىككى تەرەپنىڭ ئىناق ۋە ئىجابىي دىيالوگ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ماختاش بىلەن بىرگە، تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن دۈشەنبە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كومىتېتىدا بۇ سۆھبەت پىلانىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە توختىتىلغان ئامېرىكا-تەيۋەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش سۆھبىتىنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان سودا دىيالوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن سەيشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتوندىن تەيۋەن بىلەن بولغان بارلىق رەسمىي مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى، تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سۆزى ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئېھتىياتچان بولۇشنى، تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا خاتا سىگنال بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 852 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2021 11:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق