خوڭكوڭ خەلقى 19 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ سۇندى

خوڭكوڭ خەلقى 19 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ سۇندى

خوڭكوڭ ئاخبارات ئەركىنلىك تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشچە، خوڭكوڭ خەلقى يەنە مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خوڭكوڭدىكى ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرىغا مەكتۇپ سۇنغان.
«تۈتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى»نىڭ تەستىقلىنىشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش قىلىۋاتقان مىليونلىغان خەلق خوڭكوڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ۋە مۇھىم ئورۇنلىرىغا يىغىلىپ، « خوڭكوڭغا ئەركىنلىك»، «خوڭكوڭنى ئازاد قىلايلى»، « تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن»، «مۇخبىرلار غەيرەت قىل» دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.
نامايىشچى ئامما يەنە مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ، ئاۋۋال ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن باشلاپ، 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان كانادا، گېرمانىيە، فىرانسيە، ياپونىيە قاتارلىق 19 دۆلەتنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ سۇنغان.
مەكتۇپتا 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا خوڭكوڭ مەسىلىسنى مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ھەل قىلىش، «تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 12-ئىيۇن قارشىلىق نامايىشىدا ساقچىلارنىڭ نامايىشچى ئاممىغا ئىشلەتكەن قوراللىرى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ تەكشۈرۈپ چىقىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
نامايىشىچىلارنىڭ ۋەكىللىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەگە قەتئىي ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خوڭكوڭنى قانداقتۇر بىرەر ھاكىمىيەتنىڭ كونترول قىلىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 6730 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2019 17:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق