خىتاي بۇ قېتىم ئافغانىستان خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئافغانىستان خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە، 8-ئىيۇن ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش تور يىغىنى ئاچقان. يىغىن ئۈرۈمچى بىلەن كابۇلدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا قورچاق ئەمەلدارلاردىن جارۇللاھ ھېسامىدىن قاتناشقان.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللاھ ھېسامىدىن يىغىندا سۆز قىلىپ: «شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئافغانىستان ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىزگە قارشى كۈچلەر ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەشكىلات، كارخانا ۋە شەخسلەرگە قارىتا جازا يۈرگۈزدى» دەپ بىلجىرلىغان.
تور يىغىنىدا خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۇمۇ سۆز قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئېيتىپ كېلىۋاتقان قېلىپلاشقان جۈملىلىرىنى قايتا تەكرارلىغان. تور يىغىنىدا يەنە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساختا تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ساختىپەزلىك قىلىپ، بىر تەرەپتىن يالغان تەشۋىقات ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1472 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2021 19:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق