خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇشى توغرىسىدا يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 10-ئىيۇن يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
160 بەتلىك دوكلاتتا يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى تەلەپ قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.
دوكلات تەييارلىنىش جەريانىدا جازا لاگېرىغا قامالغان 50 دىن ئارتۇق كىشى زىيارەت قىلىنغان. ئۇلار خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلەرنى قانداق قىلىپ تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي بۈرۈش-تۇرۇشى، چەتئەلدىكى بىرەرسى بىلەن ئالاقىلىشىشى دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن جازا لاگېرىغا سولانغانلىقىنى، لاگېردا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى ياكى باشقىچە خورلانغانلىقىنى، ھەرىكەت ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىۋېتىدىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئاسىيا مۇتەخەسسىسى تېرېسا بېرگمان شەرقىي تۈركىستاندا يۈزلىگەن مائارىپ ۋە ئۆزگەرتىش ئاپپاراتلىرى تورىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، قىيناش ۋە باشقا ناچار مۇئامىلىلەرنىڭ بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە قۇرۇلغان لاگېرلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتايدا بۇ قىلمىشلار ھەققىدە پىكىر بىلدۈرگەنلەرنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى، قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى خورلانغانلىقى، يۈزمىڭلىغان مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن.
كاللامارد خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈگىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 927 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2021 18:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق