ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى قايتا تەكشۈرۈش تەلىپىنى قوللىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى قايتا تەكشۈرۈش تەلىپىنى قوللىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ئوتتۇرىغا قويغان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاينى تەتقىقاتچىلارنى تولۇق زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرغان. ئاشكارىلانغان يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە يېڭىدىن ئوچۇق-ئاشكارا تەكشۈرۈشكە چاقىرىدىكەن. خىتاي بولسا ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن 10-ئىيۇن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن سۆھبەتلەشكەن. بايدېننىڭ ياۋروپا سەپىرىدىكى ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى بولسا خىتاينىڭ خىرىسلىرىغا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق قارشى تۇرۇشى ھەققىدە ئىزدىنىش ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل ئەنگلىيەدىكى G7 باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا: «تەجرىبە-ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن، بىز ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىمىز كېرەك، شۇڭلاشقا بىز ۋىرۇسنى قايتا تەكشۈرۈش ھەققىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز. بىزنىڭ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ھوقۇقىمىز بار، شۇندىلا ئىشنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالالايمىز» دېگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يۇقىرىقى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر پەيتتە، G7 باشلىقلار يىغىنىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى قايتا مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىرىشنى پىلانلىغان. بۇ خەۋەرنى بىلۇمبېرگ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 841 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2021 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق