خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە دېلو تۇرغۇزۇش تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر تۈركۈم ئادۋوكاتلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشى ھەققىدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر تۈركۈم ئادۋوكاتلار 10-ئىيۇن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇپەتتىشلىرىگە ئىسپات ھۆججىتى تاپشۇرغان. ئۇلار: «بۇ ماتېرىياللار مەزكۇر مەسىلىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر جىنايى قىلمىشلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن. بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ گائاگادىكى خەلقئارا سوتتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىي قىلمىشىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى ئىكەن. ئەمما خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى ئەمەس ئىكەن.
ئادۋوكاتلار باياناتىدا، ئۆزلىرى ئېرىشكەن ھۆججەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى، قولغا ئالغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى تاجىكىستاندىن شەرقىي تۈركىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇ قىلمىشلارنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «خىتاي دائىرىلىرى تاجىكىستاندا بۇ ئىشقا بىۋاسىتە ئارىلاشقان. شۇڭا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تاجىكىستاندا باشلىنىپ خىتايدا داۋاملاشقان بۇ جىنايى ھەرىكەتلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار. سوت تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتە دەرھال دېلونى تۇرغۇزۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.
بۇ ھۆججەتنى تاپشۇرغان ئادۋوكاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەردىن ئىسپات ئېلىش ۋە تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تاجىكىستان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. ئادۋوكاتلار ئۆزلىرىنىڭ يەكۈنىگە ئاساسەن: «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشتە ئېنىق ھوقۇقى بار» دەپ يەكۈنلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادۋوكاتلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدىن كامبودژا ۋە تاجىكىستاندىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى بۇلتۇر 12-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ: «بۇ شىكايەتلەرنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھازىرچە ئاساسى يوق» دەپ رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 1100 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2021 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق