ئالتاينى خىتايلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىنىڭ، بولۇپمۇ كەڭ يايلاققا ئىگە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش مەقسەت قىلىنغان ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بۇ يىل ئاخىرىدا پۈتىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، S21 ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بۇرۇلتوقاي بۆلىكىدە پات يېقىندا ئاسفالتلاشتۇرۇش باشلىنىدىكەن. ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 342 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئىكەن. بۇ يول قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى، جۇڭغار ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن، قۇرۇلۇش رەسمىي پۈتسە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى قۇملۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بولۇپ قالىدىكەن.
نۆۋەتتە بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئاسفالتلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە پۈتىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېڭى بەش يىللىق پىلانىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، كەڭ يايلاقلىرى، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلىرى، مول سۇ بايلىقى بىلەن تونۇلغان ئالتاي ۋىلايىتىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇشىغا جىددىي تۇتۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1372 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2021 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق