ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى: دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى خىتاي تەھدىتىگە قارشى مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالدىنقى ئايدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان يېڭى بىر يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتى ھەققىدە توختىلىپ: «يېڭى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە بىخەتەرلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن.
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كەسلىن ھىكس 8-ئىيۇن ۋاشىنگتوندىكى بىر ئەقىل ئامبىرىدا قىلغان سۆزىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغان 715 مىليارد دوللارلىق خامچوتنىڭ ھەربىي تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىناق قىلىش ئۈچۈن خىراجەت قىلىنىدىغان 112 مىليارد دوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىكس مۇداپىئە خامچوتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر قىسىم خەتەرلىك قورال سىستېمىسىغا ئاجرىتىلغان خىراجەتنى ئازايتىش ئارقىلىق، تېجەپ قالغان چىقىمنى يېڭى قورال تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تۈرلەر تور، يىراق مۇساپىلىك ئېتىش، مىكرو ئېلېكتىرون، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئاۋازدىن تېز قورال ۋە سۈنئىي ئىدراكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە يېڭى مۇداپىئە خامچوتى يەنە خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تىنچ ئوكيان تەھدىت پىلانى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بەش مىليارد 100 مىليون دوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ خىراجەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 668 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2021 12:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق