خەلقئارا قىسىملارغا خىزمەت قىلغان ئافغانىستانلىقلار تالىبانلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە خىزمەت قىلغان ئافغانىستانلىقلار تالىبانلارنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان. تالىبانلار بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، تەۋبە قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارالىق قىسىملارنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ياللىنىپ ئىشلىگەن يەرلىك ئافغانلار تالىبانلارنىڭ جازالىشىدىن ئەنسىرەپ، خەلقئارالىق قىسمىدىن ئۆزلىرىنى بىللە ئېلىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارالىق قىسىملاردا خىزمەت قىلغان يەرلىك خادىملار يېقىنقى نەچچە ھەپتە ئىچىدە كابۇلدا بىر قانچە قېتىم نارازىلىق ھەرىكىتى تەشكىللىگەن. ئۇلار چەت ئەل قىسىملىرى ۋە ئەلچىخانىلىرىنى ئۆزلىرىنى چەت ئەلگە بىرگە ئېلىپ كېتىشكە چاقىرغان. بىر يەرلىك تەرجىمان فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا: «تالىبان بىزنىڭ ئىزىمىزغا چۈشۈۋاتىدۇ، ئۇلار بىزنى كەچۈرمەيدۇ، كاللىمىزنى ئالىدۇ» دېگەن.
تالىبان تەرەپ 7-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ يەرلىك خادىملارنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە دۆلىتىگە قىلغان خىيانىتى ھەققىدە تەۋبە قىلىش كېرەكلىكىنى، گۇناھىنى تونۇپ، بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزگەن كىشىلەرنىڭ قورقمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ ئەڭ كېچىككەندە بۇ يىل 11-سېنتەبىر تاماملىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستان ئەسكەرلىرىگە بىر قانچە ھەربىي بازىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن. گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىلگىرى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندە، يەرلىك ياللانما خادىملاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا ئىمكانقەدەر ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 2621 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2021 12:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق