ئۈنسىز يىغىلار خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئېچىپ بەرمەكتە

تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ئېغىر باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش سىياسىتى ئاستىدا ئاۋازىنى سىرتقا چىقىرالمايۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى چەكلىك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۈنسىز يىغىلىرى بىلەن بېشىغا كەلگەن باستۇرۇشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە.
يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ ياش تۆكۈۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن. يەنە باشقا بىر قانچە سىندا ئەرلىرى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئاياللارنىڭ يېقىنقى يىللاردا بېشىغا كەلگەن ئەھۋاللارنى مەزكۇر سىنلارنىڭ ئۈستىگە يېزىش ئارقىلىق ئەرلىرىدىن، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي رېجىمى ئۆزىنى ئاقلاپ، جازا لاگېرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك سىنلار رېئاللىقنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1319 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2021 20:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق