تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر بالىلار لاگېرىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئوپچە ياتاقتىكى كارىۋاتلاردا ئۇخلاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا بولسا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كارىۋاتمۇ يوق، ھەتتا ياستۇقمۇ يوق قاتتىق گىلەمنىڭ ئۈستىدە توپلىشىپ يېتىپ ئۇخلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يەنە بىر سىندا بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن بىر خىتاينىڭ توي مۇراسىمى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. ئالدىنقى كۈنلەردە تارقالغان يەنە بىر سىندىمۇ ياشقا چوڭ بىر خىتاينىڭ ئەمدىلا قۇرامىغا يەتكەن بىر كىچىك ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
ئۇندىن باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان كۆپلىگەن سىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنسىز يىغلاۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىش ئازابىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خۇشال-خۇرام ياشاۋاتىدۇ، دەپ جار سېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندىن ھەركۈنى دېگۈدەك توختىماي چىقىۋاتقان ئىسپاتلار خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېچىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1335 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2021 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق