قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار چېگرا توقۇنۇشىدا زىيانغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرنى يوقلىدى

يېقىندا قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشى نەچچە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ قازا قىلىشىغا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشىغا ۋە ئۆي-ماكانسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

بىشكەك شەھىرىگە جايلاشقان مەدىنە بازىرىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار بۇ ھەپتە تۇرسۇنتاي ھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا ھال سوراش ھەيئىتى تەشكىللەپ، چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەن باتكەن ۋىلايىتىنىڭ بىر يېزىسىغا بېرىپ، ئۆلۈم-يېتىم بولغان، ئۆيلىرى ۋەيران بولغان ئائىلىلەرنى يوقلىغان ۋە ئۇلارغا جەمئىي ئىككى مىليون سوم (تەخمىنەن 24 مىڭ دوللار) نەق پۇل ياردىمى تارقىتىپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 28-ئاپرېلدىن 30-ئاپرېلغىچە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، قىرغىزىستان تەرەپتىن بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 34 قىرغىزىستان پۇقراسى قازا قىلغان، 178 كىشى ئوخشىمىغان شەكىلدە  يارىلانغان. تاجىكىستان تەرەپتىنمۇ 15 ئادەم قازا قىلىپ، 90 كىشى يارىلانغان. قىرغىزىستان تەرىپىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بىر بۆلۈك كىشىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، قىرغىز يېزىلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەن. نەتىجىدە 100 دىن ئارتۇق بىنا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

بۇ خەۋەر 1070 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2021 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق