كۆك ئاي جەمئىيىتى ھېيت يېقىنلاشقاندا زور مىقداردا نەق پۇل ياردىمى تارقاتتى

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى روزا ھېيت يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە زور مىقداردىكى ياردەم پۇلى تارقاتتى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى 4-مايدىن 7-مايغىچە ياردەمگە ئېھتىياجلىق 650 ئائىلىگە 1000 لىرادىن جەمئىي 650 مىڭ لىرا نەق پۇل تارقىتىپ بەردى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بانكا ھېساباتى ئارقىلىق تارقىتىلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ قولىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلگەن.

كۆك ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرماقتا. رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن ئېرىشىلگەن ياردەملەر تېخىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، كۆك ئاي جەمئىيىتى بۇ ئاي ئىچىدە كۆپ قېتىم ياردەم تارقاتقان.

بۇ خەۋەر 1083 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2021 12:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق