ئاۋسترالىيەدىكى خىتايغا قارشى نامايىش داۋاملاشماقتا

ئاۋسترالىيە ئادلەيد شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ھەر جۈمە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە» نامايىشى پىلان بويىچە داۋام قىلماقتا.

نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىشقىمۇ ئادلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

نامايىشچىلار قوللىرىدا جازا لاگېرىغا سولىنىپ ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى، «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان ۋە شى جىنپىڭ، چىن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىجراچىلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى كۆتۈرۈپ، «لاگېرلار تاقالسۇن»، «ئىرقى قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

نامايىشتا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش، كەمسىتىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاينى جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

تۈركىيەدە باشلانغان «ئائىلەم قەيەردە» نامايىشى تۈركىيەدىكى يۇقۇمغا قارشى چەكلىمە سەۋەبلىك ۋاقىتلىق توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئاۋسترالىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە قەرەللىك داۋام قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 916 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2021 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق