تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەت كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى 6-مايدىن تارتىپ باشلىغان «خىيالىمدىكى خىتاي» تېمىسىدىكى رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاينىڭ تېررور سىياسىتى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى تۈركىيەدىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق قوزغىدى.

تۈنۈگۈن تىۋىتتېردا بۇ توغرۇلۇق ھەشتەگ پائالىيىتى تەشكىللەنگەن بولۇپ، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى مەزكۇر مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىلغان.

بۇلاردىن سىرت، ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئانتاليادىكى پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى مۇسابىقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ، تۈركىيە پارلامېنتىغا مەكتۇپ يازغان. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانمۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىدا بۇ مۇسابىقىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، تۈركىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى جۈمە خۇتبىسىنى خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئاتاشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇسابىقە 2016-يىلىدىن باشلاپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مۇسابىقىنىڭ تېمىسى «تۈركىيە-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىللىقى» قىلىپ بېكىتىلگەن. 2020-يىلى بولسا تۈركىيەدە يامراپ كەتكەن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈلمىگەن.

بۇ خەۋەر 734 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2021 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق