شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كومپارتىيەسى تارىخىنى ئۆگىنىش مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلمەكتە

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 6-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆسمۈرلەرگە قارىتا قىزىل تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش، قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخىغا ئالاقىدار بىلىملەردىن زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈش، قىزىل تەربىيە بازىلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتكەن.

مەكتەپلەردە پارتىيە دەرسى ئۆتۈلگەندىن سىرت، يەنە ئۈن-سىن، سۈرەتلىك ماتېرىيال ۋە سۈنئىي رېئاللىق تېخنىكىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى تارىخىنى ئۆگىنىش، شاڭخەي، يەنئەن قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىغىنلىرىغا ئالاقىدار ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلغان.

بۇ يىل 23-ئىيۇلدا خىتاي دائىرىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك مەكتەپلەرنى نۇقتا قىلغان ھالدا قىزىل تەشۋىقاتىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1024 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2021 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق