يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىتاينى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يېڭى خىتابنامىسىدە خىتاينى خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى چارشەنبە لوندوندا بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلغان. خىتابنامىدە خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران قاتتىق تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، خىتاي خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تۈپ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلغان. بۇلاردىن سىرت، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ «مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي سىياسىتى»نى چەكلەشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان 12 مىڭ 400 سۆزلۈك خىتابنامىدە خىتايدىكى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە دىنىي چەكلىمىلەرگە بولغان كۈچلۈك ئەندىشە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك سايلام سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئەيىبلەنگەن.

خىتابنامىدە يەنە رۇسىيەنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋالغانلىقى ئەيىبلەنگەن. ئىران مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپ تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان 2015-يىللىق يادرو كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەر قارشى ئېلىنغان، بۇنىڭدىن سىرت، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنبىرى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتابنامىدە يەنە تەيۋەن ۋە دۆلەت ھالقىغان مەسىلىلەر ھەققىدە «بىز جىددىيچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە رايوننى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەنلەر تەكىتلىنىپ، خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن.

بۇ خەۋەر 648 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2021 12:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق