ياۋروپا پارلامېنتىدا خۇاۋېينىڭ 5G تورى ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەندى

گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى ماركۇس بۇخېيت (Markus Buchheit) 5-ماي ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ خۇاۋېينىڭ 5G تورىنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سىپاتنىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، ماركۇس بۇخېيت ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خۇاۋېيدىن ئەنسىرىمەيۋاتقانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولسا خۇاۋېينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بازاردىكى رەقىبلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا خۇاۋېينىڭ 5G تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ جازاسىدىن قانداق قوغداشنى ئويلاشقانلىقى ھەققىدە سوئال قويغان.

ئامېرىكا خۇاۋېينى خىتاي ھەربىي ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئابۇنىتلارنى نازارەت قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە بەزى دۆلەتلەرنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرغان ۋە بەزى دۆلەتلەرنى خۇاۋېينىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە قايىل قىلغان.

بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خۇاۋېي ئەينى ۋاقىتتىكى گوللاندىيە باش مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گوللاندىيە خان جەمەتى تېلېگراف (KPN) كۆچمە تورىدىكى بارلىق ئابۇنىتلارنىڭ تېلېفونىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.

بۇ خەۋەر 508 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2021 12:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق