يېڭى زېللاندىيە ھەرىكەت پارتىيەسى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرۇۋەتتۇق

يېڭى زېللاندىيە پارلامېنتى بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىققان بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېغىر ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ئەمما بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتمىگەن.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى «ھەرىكەت يېڭى زېللاندىيە» پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋان ۋېلدېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار باش مىنىستىر جېسىندا ئاردېرننىڭ پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، تەكلىپ لايىھەسىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى «ئېغىر ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دېگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇۋەتكەن.

يېڭى زېللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماھۇتا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىگەنلىك يېڭى زېللاندىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى خىتايغا كۆپ قېتىم بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارالىق جىنايەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارالىق قانۇننىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن قانۇنىي جەھەتتىن بۇ سۆزنى ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېڭى زېللاندىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى يېقىنقى مەزگىللەردە تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، يېڭى زېللاندىيە باش مىنىستىرى جېسىندا ئاردېرن 3-ماي بۇ ھەققىدە توختىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن كېلىشىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 643 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2021 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق