خىتاينىڭ كونتروللۇقنى يوقاتقان راكېتاسى پۈتۈن دۇنيادا ئەندىشە قوزغىماقتا

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھەرقايسى تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ توشۇغۇچى راكېتاسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر دىققەت قوزغىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، كونتروللۇقىنى يوقاتقان مەزكۇر راكېتانىڭ پارچىلىرى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يەر يۈزىگە چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 29-ئاپرېل خىتاينىڭ توشۇغۇچى راكېتاسى 22 توننا ئېغىرلىقتىكى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنى ئېلىپ مېڭىپ، پىلان بويىچە ئوربىتىغا يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بوشلۇق پونكىتىنى قۇرۇشتىكى تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىكەن. ھالبۇكى، ئالەم قاتنىشى مۇتەخەسسىسلىرى مەزكۇر راكېتانىڭ 20 توننىلىق ئاساسىي قىسمىنىڭ يەرشارى ئاتموسفېراسىغا كونتروللۇقىنى يوقاتقان ھالدا قايتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاستروفىزىكى جونىسىن مىكدوۋېل (Jonathan McDowell) بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ توشۇغۇچى راكېتانىڭ ئاساسلىق قىسمىنى كونترول قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئالدىن بېكىتىلگەن جايغا چۈشمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى مۆلچەرلەشنىڭ تەسلىكىنى، ئەڭ ئېغىر بولغاندا راكېتانىڭ پاچاقلىنىپ، پارچىلىرىنىڭ نەچچە يۈز كىلومېتىر دائىرىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ يېڭى راكېتاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

يەنە بىر ئاستروفىزىك ئاندرۇ جونېس (Andrew Jones) راكېتانىڭ ئاساسلىق بۆلىكىنىڭ ھەر 90 مىنۇتتا بىر قېتىم يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا قاچان ۋە قەيەردىن كىرىدىغانلىقىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى، دېڭىزغا ياكى ئادەمسىز رايونلارغا چۈشۈش ئېھتىماللىقى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزۈش خەۋپىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 822 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2021 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق