خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم سىناقلىرىغا ئالاقىدار كىتاب تۈركچە نەشر قىلىندى

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى تەرىپىدىن ياپونىيەلىك  پىروفېسسور، دوكتور جۇن تاكادانىڭ (Professor.Dr.Jun Takada) «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىناقلىرى» (يىپەك يولىدىكى يادرو پارتلىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتلەر) ناملىق كىتابى تۈركىيەدە تۈركچە نەشر قىلىندى.

ياپونىيە ساپپورو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، فىزىكا بۆلۈمى خادىمى پىروفېسسور، دوكتور جۇن تاكادا تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىناقلىرى» ناملىق مەزكۇر كىتاب تۈركىيە پارادىگما ئاكادېمىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىندى.

مەزكۇر كىتاب دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن پىلانلانغان بولۇپ، چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى كىتابنى تۈركچە نەشرىگە تەييارلىغان.

مەزكۇر كىتاب 2009-يىلى ياپونىيەنىڭ ئىريوكاگاكۇشا تەبىئىي پەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، كىتابتا خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى لوپنۇرنىڭ ئۇششاقتال رايونىغا قۇرۇلغان يادرو سىناق مەيدانىدا 1964-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە يەر يۈزى، ھاۋا بوشلۇقى ۋە يەر ئاستى بولۇپ، جەمئىي 46 قېتىم يادرو پارتلىتىش سىنىقى قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

كىتابتا يەر يۈزىدە پارتلىغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ، يادرو بۆلۈنۈشىدىن پەيدا بولغان نۇكلىدلارنىڭ يەر يۈزىدىكى ماددىلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، زور مىقداردىكى چاڭ-توزان شەكىللىنىپ، ئەتراپتىكى ۋە شامال يۆنىلىشىدىكى يەرلەرگە چۈشۈپ، چوڭ ئاپەت پەيدا قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

پىروفېسسور، دوكتور جۇن تاكادا كىتابىدا ئاتوم سىناقلىرىنىڭ بالايى-ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاندا تەخمىنەن 190 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلمىي پاكىت ۋە دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلىغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق قان كېسىلى ۋە باشقا تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش، شۇنداقلا ھامىلىگە تەسىر يېتىش خەتىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

كىتابتا ئاپتور خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتوم سىناق مەيدانىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان تۇزلۇق كۆل ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى سودا-سېتىقتا گۈللەپ ياشنىغان كىرورەن شەھىرىنىڭ ئاتوم سىناق مەيدانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

پىروفېسسور، دوكتور جۇن تاكادا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ يادرو سىناق مەركىزىنىڭ شىمال تەرىپىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنى پاسىل قىلغان ھالدا قازاقىستان بىلەن تۇتىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستاندا قۇرغان سەمىپالاتىنسكى يادرو سىناق مەركىزىنىڭ لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىغا 1400 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى، لوپنۇر ئاتوم سىناق مەركىزىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدە موڭغۇلىيە، جەنۇبتا تىبەت زېمىنى بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭدىن 2400 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 1008 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2021 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق