يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى: كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش قىيىن

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جېسىندا ئاردېرن 3-ماي يېڭى زېلاندىيەنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن كېلىشىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاردېرن يېڭى زېلاندىيەنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ناچارلىشىشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى خىتاي تەرەپكە يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاي بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ بەزى مەسىلىلەردە ھەرگىز كېلىشىم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى رولىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارقىسىدىكى سىستېما، مەنپەئەت ۋە قىممەت قارىشىدىكى پەرقلىق مەسىلىلەردە يارىشىش تەس بولۇۋاتىدۇ. بۇ يېڭى زېلاندىيە ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن مەسىلە بولۇپلا قالماي، ياۋروپا ۋە باشقا رايونلاردىكى دۆلەتلەرمۇ دۇچ كەلگەن مەسىلە» دېگەن.

بىلدۈرۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە يېقىندا خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. سودا مىنىستىرى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ھۆكۈمەتنى خىتاينى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئالدىنقى ئايدا بەش كۆز ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. يېڭى زېللاندىيە ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشىنى بىۋاسىتە تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ئاردېرن يېڭى زېلاندىيە ۋە بەش كۆز ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا خىتايغا قارشى ئەندىشىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يېڭى زېلاندىيەنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە قوشۇلۇشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 480 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2021 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق