يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا خىتاي مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقچى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لوندوندا باشلانغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە مەسىلىسى كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېما بولغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 3-ماي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك راب بىلەن بىرگە تەشكىللىگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز. ھەممىمىز بىردەك قىممەت قارىشىمىزنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، خىتاينى ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىگە، بولۇپمۇ خوڭكوڭ ھەققىدىكى خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى ۋە ئالاقىدار ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىش كېرەك، دەپ قارايمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاينى چەكلەش ياكى باستۇرۇش ئەمەس، بەلكى قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دۈشەنبىدىكى كەچلىك تاماقتا ئىران ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىن ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىدىن باشقا، يەنە ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، كورېيە ۋە بىرۇنېيمۇ سۆھبەتكە قاتناشقان.

بۇ خەۋەر 450 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2021 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق