تىجارەتچى ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ تۈرمىدە شېھىت قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئۆز خەۋىرىمىز: خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر پەيتتە خىتاي يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئابدۇخېلىل ھاشىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ تۈرمىدە شېھىت قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ئىستىقلال خەۋەر بۆلۈمىگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭغا غۇلجىلىق تىجارەتچى ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇخېلىل ھاشىمنىڭ جەسىتىنى تۈرمە ئەتراپىغا كۆمۈۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

ئابدۇخېلىل ھاشىم 1962-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1992-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارىسىدا تىجارەت قىلىشقا باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى «پەرزەنتلىرىنى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇتتى» دېگەن باھانە بىلەن 2017-يىلى جازا لاگېرىغا سولىغان. ئۇ جازا لاگېرىدا ئىككى يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، 2019-يىلىنىڭ بېشىدا سوت ئېچىلماستىن، قانۇنىي تەرتىپلەرسىز 19 يىل كېسىلىپ، كۈنەس تۈرمىسىگە قامالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئابدۇخېلىل ھاشىم خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ، كېيىن پەرزەنتلىرىنىمۇ خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇتقان. خىتاي ئۇنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر بالىلارنى دىندا ئوقۇتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ماددىي جەھەتتە پۈتۈنلەي خىتايغا بېقىندۇرۇش مەقسىتىدە، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر بايلار ۋە تىجارەتچىلەرنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى، ئابدۇخېلىل ھاشىممۇ كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچى بولغانلىقتىن، خىتاينىڭ زىيانكەشلىك ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1965 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2021 12:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق