خىتايدا ئېغىر بوران ئاپىتى يۈز بەردى

خىتايدا ئېغىر بوران ئاپىتى يۈز بەردى

ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىدىكى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتوڭ شەھىرىدە جۈمە كۈنى كەچتە قاتتىق بوران چىقتى. ئىگىلىنىشچە، بوراننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى سائىتىگە 162 كىلومېتىرغا يەتكەن، بەزى رايونلاردا دىئامېتىرى 3 سانتىمېتىرغا يېتىدىغان مۆلدۈر يېغىش كۆرۈلگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن سىنلاردا شەھەردىكى نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، نۇرغۇن ماشىنىلارنىڭ بۇزۇلغانلىقى ۋە بوراننىڭ تەسىرىدە دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغانلىقى كۆرۈلدى.

بوران سەۋەبى بىلەن قاپسىلىپ قالغان بېلىقچىلىق پاراخوتىدىكى 11 كىشىنىڭ 2 نەپىرىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، 9 ئادەمنى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، شەھەردە يۈز بەرگەن شىددەتلىك بوران سەۋەبىدىن 11 ئادەم ئۆلگەن، 102 ئادەم يارىلانغان.

قوشنا شەھەر ۋە رايونلاردا پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ئەھۋالىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىلغان.

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2021 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق