ۋولكىسۋاگېنغا قارشى بىرلەشمە نامايىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى

كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 30 ئورۇندا داۋاملىشىۋاتقان ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەكتە.

ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە باشلانغان نارازىلىق نامايىشى شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ باشچىلىقى ۋە باشقا بىر نەچچە دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان 14 تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن باشلانغان بولۇپ، داۋاملىشىۋاتقىنىغا سەككىز ھەپتە بولغان نامايىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 30 نۇقتىغا كېڭەيگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار نامايىش جەريانىدا ۋولكىسۋاگېننىڭ ھەرقايسى سېتىش نۇقتىلىرىدا ئوخشىمىغان قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرغان. نامايىش جەريانىدا ۋولكىسۋاگېننىڭ بىر قىسىم سېتىش مەركەزلىرى خېرىدارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دېرىزىلىرىنى تاقىۋالغان.

ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان نامايىش بىر قىسىم خېرىدارلارنىڭ ۋولكىسۋاگېننىڭ ماشىنىسىنى سېتىۋالماسلىقىغا، ئىجارە ئالماسلىقىغا تۈرتكە بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى بوستون ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئورۇنلاشتۇرغان نامايىشنى كۆرگەن بىر خېرىدار ئۇيۇشمىغا خەت يېزىپ، نامايىشقا قاتناشقان قىلغان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دائىم ۋولكىسۋاگېننىڭ سېتىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ، ماشىنا ئىجارە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش پائالىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ۋولكىسۋاگېندىن ماشىنا ئىجارە ئالماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1077 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2021 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق