خۇاۋېينىڭ تۇنجى پەسىللىك كىرىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن

 

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ جازاسى سەۋەبلىك، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك كىرىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى 28-ئاپرېل دوكلات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ بىرىنچى پەسىللىك كىرىمىنىڭ 152 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ شىركەتنىڭ «HONOR» ماركىسىنى سېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شىركەتنىڭ نۆۋەتچى دىرېكتورى شۇ جىجۈن 2021-يىلىنىڭ خۇاۋېي ئۈچۈن يەنىلا خىرىسقا تولغان بىر يىل  ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ،  شىركەتكە قويۇلغان جازانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى ھەل قىلىپ، خېرىدارلارغا داۋاملىق سودا قىممىتى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپ خۇاۋېينى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالاقە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىدى، دەپ ئەيىبلەپ، 2019-يىلى خۇاۋېيغا قارشى ئېكسپورت كونترول بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ھەمدە شىركەتنىڭ ئامېرىكىدىن مۇھىم تېخنىكىلارنى سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا تىرامپ ھۆكۈمىتى يەنە ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى 5G تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندە خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە قايىل قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بايدېن ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇاۋېي يەنىلا خىتاينىڭ بازىرىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرغان بولسىمۇ، خەلقئارا بازاردا داۋاملىق ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. 2020-يىلى شىركەتنىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا بازىرىدىكى كىرىمى %12 تۆۋەنلىگەن. خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئاسىيا بازىرىدىكى كىرىمى %9 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكا بازىرىدىكى كىرىمى بولسا %25 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن.

 

بۇ خەۋەر 600 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2021 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق