خىتايدا پاراخوت سوقۇلۇپ، ماي ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ چىڭداۋ پورتىغا يېقىن جايدا ئىككى پاراخوت ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ، ماي ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 27-ئاپرېل پاراخوت باشقۇرۇش شىركىتى « Goodwood Ship Management» بايانات ئېلان قىلىپ، 27-ئاپرېل ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى سائەت توققۇزغا يېقىن چىڭداۋ پورتى ئەتراپىدا «دېڭىز-ئوكيان ئادالىتى» ناملىق چوڭ تىپتىكى توشۇغۇچى پاراخوت بىلەن «سىمفونىيە» ناملىق ماي پاراخوتى سوقۇلۇپ كېتىپ، ماي ئېقىپ كېتىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، پاراخوتتىكى كىشىلەر ئىچىدە يارىلانغانلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئېغىر تۇمان چىڭداۋ دېڭىز قىرغىقىدىكى پاراخوتلارنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر قىلىۋاتقان بولۇپ، سوقۇلۇش ۋەقەسى تۇمان سەۋەبلىك كېلىپ چىققان. ماينىڭ قانچىلىق ئېقىپ كەتكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

نۆۋەتتە پاراخوت باشقۇرۇش شىركىتى ماي پاراخوتىدىكى ماي ئېقىپ كېتىشنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە نەق مەيدانغا مۇتەخەسسىسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېقىپ كېتىشنى كونترول قىلىش، تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

بۇ خەۋەر 682 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2021 18:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق