كۆك ئاي جەمئىيىتى رامىزانلىق ياردەم تارقاتتى

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 26-ئاپرېل ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە رامىزانلىق يېمەكلىك تارقىتىپ بەردى.

جەمئىيەت بۇ قېتىم ياردەمگە ئېھتىياجلىق 400 ئائىلىگە سوھۇر ۋە ئىپتارلىققا ماس كېلىدىغان يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە خورما، گۈرۈچ، زەمزەم، ماي، ھەسەل قاتارلىقلار قاچىلانغان تەخمىنەن 400 لىرا قىممىتىدىكى يېمەكلىكنى تارقىتىپ بەردى. ئۇندىن باشقا يەنە ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە 25 كىلوگىراملىق ئۇندىن 300 خالتا تارقاتتى.

جەمئىيەت يەنە ئالدىنقى ھەپتە يەنە 400 ئائىلىگە 300 نەچچە لىرا قىممىتىدىكى A101 مال سېتىۋېلىش كارتىسى تارقىتىپ بەرگەن ئىدى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، خەلقئارالىق ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1013 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2021 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق