شەرقىي تۈركىستاندا كورلا-نارات ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 21-ئاپرېلدىن باشلاپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى كورلا-نارات-ئاقسۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭىدىن ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كورلا-نارات-ئاقسۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچىدىكەن. ئەسلىدە كورلىدىن ناراتقا ماشىنا بىلەن بېرىش ئۈچۈن سەككىز سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ھاۋا قاتنىشىدا يەتتە سائەت ۋاقىت قىسقارغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ساياھەت نۇقتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئارقىلىق، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشكە كۈچەپ رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ تۈردىكى «تەرەققىيات» پىلانلىرىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1163 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2021 11:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق