خىتاي دىۋىزىيەنى زور مىقداردىكى قەرز بىلەن تەمىنلىمەكتە

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 25-خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىگە 30 مىليارد يۈەن قەرز پۇل تارقىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دىۋىزىيەگە 3 مىليارد 663 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە،يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى دىۋىزىيەنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە سېتىش قاتارلىق ھالقىلىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىدىكەن ۋە شۇنداقلا توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، باغ-ئورمان، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن.

خەۋەردە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دىۋىزىيەگە قارىتا پەرقلىق كىرېدىت سىياسىتى يولغا قويۇپ، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى، قەرز پۇل مۇددىتى جەھەتلەردە ئېتىبار قىلىدىغانلىقى، قەرز پۇل بېجىرىش ۋە تىجارەت مۇلازىمىتى بويىچە «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي يىللاردىن بېرى دىۋىزىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچەپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرىغان دىۋىزىيەدىكى شىركەت-زاۋۇتلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا جەھەتتىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىماقتا. خىتاي بۇنىڭغا ماس ھالدا دىۋىزىيەنى يۆلەش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1221 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2021 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق