خىتاي ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى»غا ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋلىجيەن 23-ئاپرېلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى.
جاۋ لىجيەن سۆزىدە مەزكۇر قارارنى ئەيىبلەپ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان-ياۋىداقلىرى» دەپ بىلجىرلىدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «ئەنگلىيەنىڭ يېتەرلىك مەسىلىلىرى بار. ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆز ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىشى ۋە ئۆز خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشى كېرەك» دېدى.
ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى 22-ئاپرېل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش ھەققىدىكى قارارنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنى خىتايغا قارىتا بېسىمنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1170 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2021 12:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق