ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىياسىتى داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ جازا لاگېرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، زور تۈركۈمدىكى كىشىلەرنى ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر رايونىدىن 20 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياش قىزلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلەرگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقى، يەنە بىر سىندا مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن قىزلاردىن بىرسىنىڭ ياتاقتا ئاتا-ئانىسىنىڭ رەسىمىنى تۇتقىنىچە ئۇخلاپ قالغانلىقى، يەنە باشقا بىر سىندا بولسا ئىشلەپ چارچاپ كەتكەن قىزنىڭ تامنىڭ بۇلۇڭىدىلا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن يۆتكەپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 1265 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2021 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق