مىرزات تاھىر تۈركىيەگە بارغانلىقى سەۋەبلىك 25 يىل كېسىلگەن

ئاۋسترالىيەنىڭ ABC خەۋەرلىرى تورى بۈگۈن ئۇيغۇر ياش مىرزات تاھىرنىڭ تۈركىيەدە تۇرغانلىقىنى سەۋەبلىك 25 يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە ياشاۋاتقان مېھراي مېزېنسوف خانىمنىڭ يولدىشى مىرزات تاھىر يېڭى توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستانغا كەتكەن ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرىغا قامالغان. مېھراي خانىم يولدىشىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، بۇنى ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارىلىماي سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. ئەمما مېھراي خانىم ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يولدىشى مىرزات تاھىر ھەققىدىكى يېڭى قايغۇلۇق خەۋەرگە ئېرىشكەن.
مىھراي مېزېنسوف خانىم ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مىرزات تاھىرنى تۈركىيەدە تۇرغانلىقى سەۋەبلىك «بۆلگۈنچىلىك» تۆھمىتى بىلەن 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇزۇندىن بېرى يولدىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ قىلغان سۈكۈتىنىڭ ھېچنەرسىگە پايدىسى بولمىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن مىھراي خانىم ئاخىرى ئاۋسترالىيە ABC قانىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
ئۇ مۇخبىرغا يولدىشىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» باھانىسى بىلەن 25 يىل كېسىلگەنلىكى، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن بىمەنە ئىكەنلىكىنى، يولدىشىنىڭ خىتاي تۆھمەت قىلغاندەك بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئادەم ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىكلا كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مېھراي خانىم ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، يولدىشى مىرزات تاھىرمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش ئىجازەتنامىسىگە ئىگە ئىكەن. مېھراي خانىم ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن قايتىدىن جەم بولۇشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.
كۆزەتكۈچىلەر مىھراي خانىمنىڭ يولدىشى ئۈچۈن يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تارقىتىۋاتقان خەۋەرلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1736 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2021 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق