مۇھىم ئۇقتۇرۇش

مۇھىم ئۇقتۇرۇش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكەتۇھۇ! ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار! ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن ھەر كۈنى بىر پاجىئە، يېڭى بىر مۇسىبەت خەۋىرى ئېلىۋاتىمىز. ۋەتىنىمىزدە يەنە بىر ئىلىم ئەھلى، بىر يۇلتۇز ئۆچۈپ كەتتى. 70 ياشقا كىرگەن كاتتا ئەدىب نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت بولغانلىق خەۋىرى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى داغلىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۈمە كۈنى ئىستانبۇل فاتىھ جامەسىدە شېھىت ئالىمىمىزنىڭ غايىبانە جىنازە نامىزى‍نى چۈشۈرۈلمەكچى. يەنە بىر قېتىم ئىستانبۇلنى كۆك بايراقلىرىمىز بىلەن ئوراپ ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى، قىممەتلىك كىشىلىرىگە ئىگە چىقىدىغانلىقىنى خىتايغا ۋە خەلقئاراغا كۆرسىتىپ قويۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان  بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بايراقلارنى ئېلىپ غايىبانە جىنازا نامىزىغا قاتنىشىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

ئادرىسى: فاتىھ رايونىدىكى فاتىھ جامەسى

 

ۋاقتى: 21-ئىيۇن (جۈمە كۈنى)

بۇ خەۋەر 1422 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2019 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق