ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر باستۇرۇش ۋە جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە يالغان تەشۋىقاتنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلماقتا. ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلارنىڭ بىرىدە ئاتۇش شەھىرىدىكى كىچىك بىر بازار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بازارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا توختىماي چارلاۋاتقان قوراللىق ساقچىلار دىققەت قوزغىغان. يەنە بىر سىندا بولسا مەلۇم بىر بازاردىكى ئانار سۈيى ساتقۇچى ئانار كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كىچىك قەلەمتىراشنىڭمۇ زەنجىر بىلەن باغلاقلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى قاتتىق نازارەتكە ئېلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ تارقىلىشىغا ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىپ كەلمەكتە. يېقىنقى كۈنلەردە تارقالغان سىنلاردىمۇ بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىگە قاراپ كۆز يىشى قىلىۋاتقانلىقى، تۆمۈر دەرۋازا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئانا-بالىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقى، بەش-ئالتە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ سىندىكى «دادا» دېگەن ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ يىغلاۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن.

تارقالغان باشقا سىنلاردا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم يېزىلىرىدا بوۋاي-مومايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يول ياساش، يەر تېرىش، ئېرىق چېپىش، شاخ توشۇش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەكلەرگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھاشار سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1529 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2021 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق