خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: تۈركىيەنىڭ ياپچان ھەققىدىكى قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋلىجەن 13-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ تۈركىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچانغا قارىتىلغان ئاخىرقى سوت قارارى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي تۈركىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ياپچان ھەققىدىكى قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ 13-ئاپرېلدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي مۇخبىرى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجيەندىن: «8-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى 29-جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى خىتاي تەرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلغان شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق گۇماندارى ياپچان ھەققىدە قارار چىقىرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قارىتىلغان نازارەت ۋە چەت ئەلگە چىقىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى. خىتاي تەرەپ بۇ مەسىلىگە قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ؟» دەپ سورىغان.
جاۋ لىجيەن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى. بۇنى تۈركىيە تەرەپمۇ ئېتىراپ قىلغان. ياپچان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇ خىتاي چېگراسى ئىچىدە كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلىغان بولۇپ، دەلىل-ئىسپات تولۇق. خىتاي تۈركىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقارغان ئالاقىدار ھۆكۈمىگە قاتتىق نارازىلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە تۈركىيە تەرەپنى ياپچاننىڭ تېررورچى ماھىيىتىگە جىددىي قاراپ، خاتا ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ، بۇ دېلونىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىرىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي تۈركىيەدە ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، تۈركىيەگە بىرىنچى قېتىم 2016-يىلى ۋە 2019-يىلى بەش بەتلىك، 2020-يىلى 6-ئايدا 68 بەتلىك ئەرزنامە سۇنغان. تۈركىيە سوت مەھكىمىسى خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنىڭ جىنايەت ئارتىشقا دەلىل-ئىسپات بولالمايدىغانلىقى تەكىتلەپ، خىتايدىن قايتا دەلىل-ئىسپات تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كەلتۈرەلمىگەن. بۇ يىل 8-ئاپرېل تۈركىيە سوت مەھكىمىسى ئىستانبۇل چاغلاياندىكى ئەدلىيە سارىيىدا ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىپ، خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسى يوق دەپ قاراپ، خىتاينىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. سوت مەھكىمىسى يەنە ئابدۇقادىر ياپچان دېلوسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى مەھمەت ئەنەس بۇ ھەقتە: «بۈگۈن بۇ دەۋا نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى. ئىلگىرىكى سوتتا ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى سوتتا بۇ قارارمۇ بىكار قىلىندى» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1100 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2021 16:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق