ياپونىيە شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىن پەمىدۇر قىيامى ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ داڭلىق شىركىتى كاگومې (Kagome) شەرقىي تۈركىستاندىن پەمىدۇر قىيامى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پەمىدۇر قىيامى ۋە كۆكتات قىيامى ئىشلەپچىقارغۇچىسى كاگومې چەكلىك شىركىتى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىن پەمىدۇر قىيامى سېتىۋېلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
كاگومې شىركىتىنىڭ باياناتچىسى كازۇماسا كىتاگاۋا (Kazumasa Kitagawa) بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىز ئويلاشقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ئەمما سېتىۋېلىشنى توختىتىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس» دېگەن. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندىن ئىلگىرى سېتىۋېلىپ ئېشىپ قالغان پەمىدۇر قىيامىنىڭ بۇ يىل ئىشلىتىپ تۈگىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن سېتىۋېلىنغان پەمىدۇر قىيامى كاگومې شىركىتى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئاران %1 نى ئىگىلەيدىكەن.

بۇ خەۋەر 757 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2021 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق