ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى ھەققىدە تەكلىپ سۇندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشنى تېزلىتىش ھەققىدە قانۇن تەكلىپى سۇنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى پارتىيە ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش» ھەققىدە ئەڭ يېڭى قانۇن تەكلىپى سۇنۇپ، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى تەستىقلاش جەريانىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر تەكلىپنى دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن كىرىس كۇنس (Sen. Chris Coons, D-DE) بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ماركو رۇبىيو (Sen. Marco Rubio, R-FL) بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر مەزكۇر تەكلىپ تەستىقلىنىپ قالسا، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېتىبار بېرىلىدىغان مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئالدىن ئويلىشىدىغان پاناھلانغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قانۇن تەكلىپى شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى بارلىقى ئېنىق بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوغداشنى ئاساس قىلىدىكەن.
پارلامېنت ئەزالىرى: «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىش ئىلتىماسى ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا ئىتتىپاقداشلارنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەت قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇشى كېرەك» دەپ قارايدىكەن.
كىرىس كۇنس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋاملىق ئەيىبلىشى، ئۇيغۇرلار ۋە دىنىي ياكى مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنى قوغدىشى كېرەك» دېگەن.
ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بىز بۇ خىل ۋەھشىيلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشىمىز ۋە شەرقىي تۈركىستاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك» دېگەن
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كۇنس ۋە رۇبىيو ئالدىنقى ئايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېنغا يازغان خېتىدە، ئۇنىڭدىن ئىككى پارتىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2021 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق