ۋانكۇۋېر شەھەر باشلىقى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ۋاقتىنچە توختاتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋانكوۋېر شەھەر باشلىقى كېننېدى سىتۇرت (Kennedy Stewart) خىتاينىڭ كانادا پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسىغا قارشى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ۋاقتىنچە توختاتقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كانادانىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى ۋانكۇۋېرنىڭ شەھەر باشلىقى كېننېدى سىتۇرت يېقىندا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ۋاقتىنچە توختاتقان. بۇ ئۇنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ كانادا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مايكىل چوڭ (Michael Chong) ۋە باشقا پارلامېنت ئەزالىرىغا قاراتقان جازاسىغا بەرگەن ئىنكاسى ئىكەن.
خىتاي يېقىندا مايكىل چوڭغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، سىتۇرت تىۋىتتېردا: «خىتاينىڭ مايكىل چوڭ ۋە باشقا پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ئىشخانام خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بارلىق يىغىن تەلىپى ۋە ئالاقىسىنى ۋاقتىنچە توختاتتى» دەپ يازغان. شەھەر باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تەخمىنەن تۆت ھەپتە ئىلگىرى ئۇ خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ پېيۋۇنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق رەت قىلغان. ئۇ بۇ يىغىندا نېمىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۈرۈشتۈرمىگەن.
ئۇ كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلمىغۇچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ئوخشىمىغان تەكلىپكە ئېرىشمىگۈچە ياكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى مەندىن بۇ يىغىنلارغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلمىغۇچە، خىتاينىڭ يىغىنلىرىغا قايتا قاتناشمايمەن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 28-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 22-مارت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشكە قارشى مايكىل چوڭ، كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتىغا، شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئىككى ئەمەلدارىغا بېسىم ئىشلىتىش مەقسىتىدە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 598 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 23:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق