ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇشى ھەققىدە ئىشەنچلىك دوكلاتلار بار

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارس پېين (Marise Payne) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا خەۋەر قىلىنىۋاتقاندەك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيەلىك مۇخبىرلارنى 7-ئاپرېل كانبېررادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا تەكلىپ قىلغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
پېين خىتاينىڭ يىغىندا مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن فىلىملەرنىڭ ئەكسىچە، قولىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «سىستېمىلىق پاراكەندىچىلىك ۋە قىيناش» توغرىسىدا ئىشەنچلىك دوكلاتلىرىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان.
پېين مەزكۇر دوكلاتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى، دىنىي باستۇرۇش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئاياللارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق خورلاش، قىيناش قاتارلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پېين يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا بېسىم ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئاشكارا ۋە ئەركىن كىرىش پۇرسىتى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇ تەلەپلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل رەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
خىتاينىڭ كانبېررادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 7-ئاپرېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئاۋسترالىيەلىك مۇخبىرلارغا «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن تېمىدا ئالاھىدە تەييارلانغان يالغان تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرسەتكەن ئىدى ۋە شۇ كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 703 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 23:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق