فىرانسىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان تۆت شىركەتنى ئەرز قىلدى

مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان تۆت شىركەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىرانسىيە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى يوشۇردى» دەپ ئەرز قىلغان شىركەتلەر ئىسپانىيە كىيىم-كېچەك شىركىتى «ZARA»نىڭ ئانا شىركىتى «Inditex» گۇرۇھى، ياپونىيەنىڭ ئەرزان باھالىق كىيىم-كېچەك ماركىسى «UNIQLO»، ئامېرىكا تەنھەرىكەت ئاياغ ماركىسى «SKECHERS» ۋە «Sandro»، «Maje» قاتارلىقلارنىڭ ئانا شىركىتى SMCP ئىكەن.
ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەت ھالقىغان تۆت شىركەت ئۇيغۇر مەجبۇرىيەت ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن نەپكە ئېرىشكەن. ئۇلار يەنە بۇ شىركەتلەرنىڭ سىرتقا ھۆددىگە بېرىش تىجارىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىدىغان تىجارەتكە ئارىلاشماسلىققا كاپالەتلىك قىلالمىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەرز قىلغان ئورگانلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى (Sherpa) ئەخلاق بەلگىسى ئىتتىپاقى (Collectif Ethique sur l'étiquette)، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ۋە ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرغا قامالغان ئايال قاتارلىقلار ئىكەن.
داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋىليام بوردون ئۇلارغا ۋاكالىتەن پارىژ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بىر قاتار ئەرزلەرنىڭ باشلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرز سۇنغۇچىلار يەنە 12-ئاپرېل پارىژدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 864 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 23:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق