خىتاينىڭ يەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر شىركىتى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى سابىق پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ يەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى 8-ئاپرېل خىتاينىڭ يەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر شىركىتىنى جازالىنىدىغان تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ياكى تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرى تيەنجىن فېيتېڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، شاڭخەي توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى، شېنجېن شىنۋېي مىكرو ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى، شېنجېن دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى، جىنەن دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى، ۋۇشى دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى، جېڭجۇ دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى قاتارلىقلار ئىكەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر شىركەتلىرى خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئىشلىتىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر ياساشقا ھەمدە خىتاي ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ياساشقا قاتناشقان. ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى چەكلەشتىكى مەقسىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ھەربىي قىسمىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىنتېلغا ئوخشاش يەرشارى ئۆزەك ماگناتىغا ئايلىنىشنى پىلانلىغان تيەنجىن فېيتېڭ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى يوشۇرۇپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراغ تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتىغا كېرەكلىك ئۆزەكلەرنى لايىھەلەپ چىققان.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ قارارى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. ئەمما سېتىۋېلىش تەرتىپلىرى ئاخىرلىشىپ، مال يەتكۈزۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان چەكلەنگەن ماللار بۇ قارارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن.

بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 21:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق