رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى

ھازىر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە. 2014-يىلىدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونى رۇسىيەنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئۇكرائىنادا ياشاۋاتقان رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان بولۇپ، ھازىر بۇ رايوندا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ ئىككى دۆلەتتە ئۇرۇش بولۇپ قېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

ئەگەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشۇپ قالسا، قانداق ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىدۇ؟

بىز يەرشارى ئوت كۈچى (Global Firepower)نىڭ 2021- يىلى ئېلان قىلغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى دوكلاتىغا قاراپ باقايلى.

رۇسىيەنىڭ نوپۇسى 141 مىليون؛ ئۇكرائىنانىڭ نوپۇسى 44 مىليونغا يېقىن.

رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچى دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي كۈچى 25-ئورۇندا تۇرىدۇ.

رۇسىيەنىڭ جەمئىي ئەسكىرى ئۈچ مىليون 569 مىڭ، ئاكتىپ ئەسكەر سانى بولسا بىر مىليون 14 مىڭ؛ ئۇكرائىنانىڭ جەمئىي ئەسكىرى بىر مىليون 245 مىڭ، ئاكتىپ ئەسكەر سانى بولسا 245 مىڭ. مۇشۇ بويىچە سېلىشتۇرساق، رۇسىيەنىڭ ئەسكەر سانى ئۇكرائىنانىڭكىدىن 759 مىڭ كۆپ. رۇسىيەنىڭ زاپاس ئەسكىرى ئىككى مىليون؛ ئۇكرائىنانىڭ زاپاس ئەسكىرى 900 مىڭ.

رۇسىيەنىڭ بىر يىللىق ھەربىي خىراجىتى 42 مىليارد 149 مىليون دوللار؛ ئۇكرائىنانىڭ بىر يىللىق ھەربىي خىراجىتى 9 مىليارد 600 مىليون دوللار.

ئۇكرائىنانىڭ تاشقى قەرزى 130 مىليارد دوللار؛ رۇسىيەنىڭ بولسا 539 مىليارد 600 مىليون دوللار. تاشقى قەرز جەھەتتە 409 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق پەرق بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئەھۋالى ياخشى.

رۇسىيە 432 مىليارد 700 مىليون زاپاس دوللارغا ئىگە. ئۇكرائىنانىڭ بولسا 18 مىليارد 810 مىليون زاپاس دوللىرى بار.

رۇسىيە سېتىۋېلىش كۈچى جەھەتتە دۇنيادا 6- ئورۇندا بولۇپ، تۆت تىرىليون 25 مىليارد دوللارلىق سېتىۋېلىش كۈچىگە ئىگە؛ ئۇكرائىنانىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بولسا دۇنيادا 48- ئورۇندا بولۇپ، 378 مىليارد 450 مىليون دوللارلىق سېتىۋېلىش كۈچىگە ئىگە.

رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانى جەمئىي 4144؛ ئۇكرائىنانىڭ بولسا 285. رۇسىيەنىڭ 789 كۈرەشچى ئايروپىلانى، ئۇكرائىنانىڭ 42 كۈرەشچى ئايروپىلانى بار.

ھەربىي كۈچ جەھەتتە دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان رۇسىيەنىڭ 742 ھۇجۇمچى ئايروپىلانى بار بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ 25 ھۇجۇمچى ئايروپىلانى بار.

رۇسىيەنىڭ 1540، ئۇكرائىنانىڭ 111 تىكئۇچار ئايروپىلانى بار.

رۇسىيەنىڭ 538، ئۇكرائىنانىڭ 34 تىكئۇچار ئۇرۇش ئايروپىلانى بار.

رۇسىيەنىڭ 13 مىڭ، ئۇكرائىنانىڭ 2430 دانە تانكىسى بار.

رۇسىيەنىڭ 27 مىڭ، ئۇكرائىنانىڭ 11435 دانە بىرونېۋىك قاتارلىق ھەربىي ماشىنىلىرى بار.

رۇسىيە ئۆزى ھەرىكەتلىنىدىغان زەمبىرەك جەھەتتە دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆزى ھەرىكەتلىنىدىغان زەمبىرىكىدىن 6540ى بار. ئۇكرائىنانىڭ بولسا 785 زەمبىرىكى بار.

رۇسىيەنىڭ ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان 4465 زەمبىرىكى، ئۇكرائىنانىڭ 2040 زەمبىرىكى بار.

رۇسىيەنىڭ بىر ئاۋىياماتكىسى بار، ئۇكرائىنانىڭ ئاۋىياماتكىسى يوق.

رۇسىيەنىڭ 64 سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتى بار، ئۇكرائىنانىڭ يوق.

رۇسىيەنىڭ 15 زەربىدار ئۇرۇش پاراخوتى بار، ئۇكرائىنانىڭ يوق.

رۇسىيەنىڭ 11، ئۇكرائىنانىڭ بىر قوغدىغۇچى ئۇرۇش پاراخوتى بار.

رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئاستى ئۇرۇش كېمىلىرىگە قارشى  85 دانە كىچىك تىپلىق ئۇرۇش پاراخوتى بار، ئۇكرائىنانىڭ يوق.

رۇسىيەنىڭ 48 مىنا تازىلاش پاراخوتى بار، ئۇكرائىنانىڭ يوق.

بۇ خەۋەر 537 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 18:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق