ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 

بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ توپكاپىغا جايلاشقان ئاكگۈن ئىستانبۇل مېھمانخانىسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق يېقىندا تارقاتقان ھۆججەتلىك فىلىمىگە قارشى «زۇلمەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خەلقئارا مۇساپىر خەلقلەر جەمئىيىتى رەئىسى ئادۋوكات ئابدۇللاھ رەسۇل دەمىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، تېررور سىياسەتلىرىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى خەلقئارادا يوللۇق كۆرسىتىش مەقسىتىدە، 2-ئاپرېل خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى ئارقىلىق ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتقانلىقىنى، خىتاي فىلىمدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي سۆزلەتكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە فىلىمدىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى مىسال ۋە پاكىتلار ئارقىلىق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ئارقىدىن مۇسابىرلار جەمئىيەتلىرى مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات ئۇغۇر يىلدىرىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە سىپرۇس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شەۋكەت ناسىر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە يالغان تەشۋىقات تارقىتىش مەقسىتىدە زور مىقداردا خىراجەت ئاجراتقانلىقىنى، پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقات قوشۇنىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېقىندا خىتاينىڭ 20 مىليوندىن ئارتۇق تور قوشۇنىنى يالغان تەشۋىقات تارقىتىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس يالغان فىلىملەرنى ئىشلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ يەتكەنلىكىنى، فىلىمدىكى ئۇيغۇرلارنى رادىكال، تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن چاپلانغان تۆھمەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تاھىر ئابباسنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمىدىكى توقۇلما دەلىللىرىنى پاش قىلغان گۇۋاھلىق فىلىمى قويۇلدى. ئاخىرىدا سۆز قىلغۇچىلار مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بۇلاردىن سىرت، بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنغا ماس ھالدا تۈزۈلگەن پىلانغا ئاساسەن، ئىستانبۇلنىڭ چوڭ سودا سارايلىرىدىكى ۋە 12 چوڭ يولىدىكى ئېكرانلاردا خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى يالقۇن روزىنىڭ سۈرىتى قويۇلىدىغان بولۇپ، ئىككى كۈندىن بىر ھەپتىگە داۋاملىشىدىكەن.

 

 

 

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 1202 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق