كانادا ساياھەتچىلەرنى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقىسى بار ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا خىتايغا ساياھەتكە بارماقچى بولغانلارنىڭ ياخشى ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كانادا خەلقئارالىق ئىشلار مىنىستىرلىكى 11-ئاپرېل ئورگان تور بېتىدە خىتايغا ساياھەتكە بارماقچى بولغان پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان تەكلىپنى يېڭىلىغان بولۇپ، تەكلىپتە: «خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمانلارنى قانۇنىي تەرتىپسىز تۇتۇپ تۇرماقتا. بىر قىسىم كانادا پۇقرالىرىنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرى قولغا ئېلىندى. ئەگەر شىنجاڭدىكى كىشىلەر بىلەن ئائىلە ياكى مىللىي جەھەتتىن مۇناسىۋىتىڭىز بولسا، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا خىتايغا ساياھەتكە بارماقچى بولغانلار ياخشى ئويلىنىش كېرەك» دېيىلگەن.

ساياھەت تەكلىپىدە يەنە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكى، توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەكلىمىنى كۈچەيتىشى سەۋەبلىك، ساياھەت جەريانىدا ئېغىر كېچىكىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

كانادا خەلقئارالىق ئىشلار مىنىستىرلىكى يەنە چەت ئەللىك ژۇرنالىستلار ۋە باشقا ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ خىتايدىكى خىزمىتىنىڭ زور چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنى تەكشۈرمەكچى بولغانلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

كانادا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى سەۋەبىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن. 28-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، كانادانىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتىغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 661 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق