خىتاي تەيۋەن تەۋەلىكىگە 25 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 12-ئاپرېل تەيۋەن تەۋەلىكىگە 25 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ئايروپىلان ئەۋەتىلگەن ھەرىكەت بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن 11-ئاپرېل ئامېرىكا تاراتقۇسى NBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر قانداق كۈچ ئىشلىتىپ، غەربىي تىنچ ئوكياننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي تەرەپ ئەتىسىلا تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا 25 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن.

بۇ قېتىم ئەۋەتىلگەن ئايروپىلانلار جەمئىي ئىككى تىرانسپورت ئايروپىلانى، سەككىز سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلان، تۆت قىرغۇچى ئايروپىلان ۋە تۆت بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسى ھاۋا چارلاش قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن ھەمدە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئارقىلىق خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا 26-مارت «دېڭىز چارلاش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش چۈشىنىش كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان بولۇپ، خىتاي شۇ كۈنى تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا 20 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 510 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق