تىرىيېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى دەرسلىرىنى ۋاقتىنچە توختاتتى

 

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرىيېر (Trier) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى رەسمىي تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ياۋروپا تەتقىقاتچىلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسىغا قارشى ئىنستىتۇتىنىڭ بارلىق پائالىيەتلەرنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تىرىيېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مىشېل ژاكېل ۋە كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ گېرمانىيە تەرەپ مۇدىرى مارك ئولىۋېر رىگېر ئىمزا قويغان باياناتتا: «تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئەركىنلىكىنى قوغداش مەكتەپنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى. خىتاي يېقىنقى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئەركىنلىكنى چەكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە: «بۇ قارار بىزنىڭ خىتاينىڭ جازاسىغا قارشى مەيدانىمىز ھەمدە جازاغا ئۇچرىغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كەسىپداشلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى» دېيىلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 22-مارت شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مەسئۇل بىر قانچە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي دەرھال ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارغا ۋە ئورگانلارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بار بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ياۋروپا ئىلىم ساھەسىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ياۋروپادىكى 30 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ جازاسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيەدە 20 گە يېقىن كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن باغلانغان. خىتاي تەرەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە خىراجەت بىلەن، گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئاساسىي ئەسلىھەلەر ۋە ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئىنستىتۇتقا گېرمانىيەدىن بىر، خىتايدىن بىر بولۇپ، ئىككى مۇدىر تەيىنلىنىدىكەن.

2019-يىلدىن باشلاپ، گېرمانىيە سىياسەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولغان. تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ دەرسلىك ۋە خادىملارنى تاللاشتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنى جامائەت پىكىرى تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىشى، شۇنداقلا ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئەركىنلىكىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

 

بۇ خەۋەر 415 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق