خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنى ياۋروپادا چەكلەش چاقىرىقى كۈچەيمەكتە

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەرىپىدىن تېلېۋىزوردا «جىنايىتى»نى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلانغان بىر قىسىم كىشىلەر ياۋروپانىڭ خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىغا بەرگەن تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنى قايتا ئويلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا «جىنايىتى»نى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلانغان 13 كىشى ياۋروپا سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN)نى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. تەلەپ مەكتۇپى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەكتۇپتا خىتاينىڭ بىر قاتار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

مەكتۇپتا يەنە: «بىز سىلەردىن دېموكراتىك جەمئىيەتتىكى تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىنىڭ قەستەن بۇرمىلانغان ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىش ئارقىلىق ياساپ چىققان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش-تارقاتماسلىقنى بېكىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەكتۇپقا ئىمزا قويغۇچىلار ئىچىدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى باۋ لۇڭجۈن، جياڭ تيەنيۇڭ، خوڭكوڭدىكى ئەنگلىيەنىڭ سابىق كونسۇلخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى سايمېن چېڭ قاتارلىقلار بار ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەكتۇپتا ئاۋسترالىيە ئاممىۋى تارقىتىش شىركىتى SBS نىڭ مارت ئېيىدا خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ، بۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە تەكشۈرۈشنى ساقلاۋاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ئەنگلىيە خەۋەرلىشىش ئىدارىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ياۋروپانىڭ چېگرا ھالقىغان تېلېۋىزىيە كېلىشىمنامىسىگە ئاساسەن، خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ فىرانسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەردە يەنىلا ئۆز تەشۋىقاتىنى تارقىتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 459 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق