ئۇيغۇرلار ياپون شىركەتلىرىگە چاقىرىق قىلدى

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياپونىيە شىركەتلىرىدىن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالىدىغان زاۋۇتلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، توكيودىكى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «HRN» ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا ياپونىيە شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەشكە چېتىشلىق زاۋۇتلار بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشكە، زۆرۈر تېپىلسا بۇ زاۋۇتلار بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى توختىتىشقا چاقىرىلغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يازما تەلەپ سونىي، توشىبا قاتارلىق 14 ياپونىيە شىركىتىگە ئەۋەتىلگەن.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا 14 ياپونىيە شىركىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىزىملىكتىكى 12 شىركەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلىشنى پىلانلىغان.
ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار قارىتىلغان باستۇرۇشقا قارشى خىتايغا جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەققىدە تەنقىد ۋە بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 620 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2021 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق